3 ۋە شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى روھانىيغا: «بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا شۇنى ئېيتىمىزكى، پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىمىزغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولدۇق» دەڭلار.
شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.
شۇ ۋەجىدىن، ھەمىشە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا مەدھىيىلىرىمىزنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتايلى، يەنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.
خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقاچىلار جامائەتچىلىكىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن،
ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.
قارىلىغۇچىمۇ ۋە قارىلانغۇچىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا بارسۇن. نۆۋەتچى روھانىيلار ۋە سوتچىلار ھۆكۈم چىقارسۇن.
شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!
تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار
باش روھانىي قولۇڭلاردىكى سېۋەتنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسۇن.
ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»