11 ئاندىن لاۋىيلار ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەل مەئىشەتلەردىن خۇشاللىنىپ شادلىنىڭلار.
ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!
قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ، لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر، روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار.
ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟
پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار.
سىلەر يەنە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە يەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.
ئىنسان ئۈچۈن بەختلىك ھايات كەچۈرۈشتىن، ئۆز بەختىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.
ئادەملەر يەپ-ئىچىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىشى كېرەك، بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدۇر.
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر.
ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.