Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 26:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئى پەرۋەردىگار، بىز ھازىر سەن بىزگە بەرگەن زېمىنىمىزدىن چىققان تۇنجى ھوسۇلىمىزنى ساڭا ھەدىيە قىلىمىز.» سىلەر بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، سېۋىتىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا قويۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 26:10
21 Referans Kwoze  

لېكىن، ئۇ ماڭا: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر بولغان سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! - دېدى.


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن.


ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.


ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.


سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.


سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.


سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار، تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.


يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.


ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!


سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار.


باش روھانىي قولۇڭلاردىكى سېۋەتنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسۇن.


تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار


تۇنجى ھوسۇل، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە تۇنجى قىرقىلغان قوي يۇڭۇڭلاردىن روھانىيلارغا ھەدىيە قىلىڭلار.


باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.


بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite