5 يېڭىدىن توي قىلغان ئەرلەر بىر يىلغىچە لەشكەر بولمىسۇن ياكى جامائەت ئىشلىرىنى قىلمىسۇن. ئۇلار بىر يىلغىچە ئۆيىدە قېلىپ، يېڭىدىن توي قىلغان ئايالى بىلەن خۇشال ياشىسۇن.
قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن، ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن.
ئاراڭلاردا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، لېكىن تېخىچە توي قىلمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىنى باشقىلار خوتۇنلۇققا ئالىدۇ.»
بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.
سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر.
قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن.
يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.
قەرزدارنىڭ يارغۇنچاق تېشى قەرز ھېسابىدا گۆرۈگە ئېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغانغا باراۋەردۇر.