Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 24:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 24:16
8 Referans Kwoze  

كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.


لېكىن ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.


لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.


پادىشاھ سائۇل: _ ھەي ئاخىمەلەك، سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇرسىلەر! _ دېدى.


چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite