12 ئەگەر گۆرۈگە قويغۇچى نامرات بولۇپ، ئۆز تونىنى گۆرۈگە قويغان بولسا، توننى كەچ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار.
رەزىللەر تۇل ئاياللارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ، نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئالىدۇ.
ئۇلار يېتىملەرنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.
سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ، نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ.
سىلەر تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. قەرزدار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىسىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ.
شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇ تونىنى يېپىنىپ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسۇن. ئۇ بۇ ياخشىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەخت تىلەيدۇ. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىكى ھەق ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر.
ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق.
نامراتلار كىيىمسىز، يالىڭاچ سەرسان يۈرىدۇ. ئاچ قورساق ھالدا بۇغداي باغلىرىنى توشۇيدۇ.