Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا،

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 24:1
19 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.


ئۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتىسىغا تۆلەم ھېسابىدا بىر كىلو كۈمۈش بەرسۇن. چۈنكى، ئۇ بىر پاك ئىسرائىل قىزغا تۆھمەت قىلدى. ئۇ قىز يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنى قويۇۋېتىشىگە ھەققى بولمايدۇ.


ئەگەر بىرسى ئۆيلىنىپ، توي كېچىسىدىن كېيىن قىزنى ياقتۇرماي،


ناۋادا كېيىنكى ئېرىمۇ ئۇنى ياقتۇرماي، تالاق خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتسە، ياكى كېيىنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە،


ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېھتىياجىدىن ۋە جىنسىي ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى.


مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.


پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشتىن نەپرەتلىنىمەن. ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلىنغان زوراۋانلىققا ئوخشايدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» دەيدۇ.


_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا،


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ،


ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.


ئۇ ئايال يەنە توي قىلىشى مۇمكىن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite