5 لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»
بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ.
ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.
كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك، سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس.
بەرھەق! مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا، مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ. لېكىن سىلەر: «راستمۇ، سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەساۋ ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم،
ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.
لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم.
بەلكىم پەرۋەردىگار قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، قارغىشنىڭ ئورنىغا بەخت ئاتا قىلىپ قالار، _ دېدى.
چۈنكى بۇرۇن ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار ئىسرائىللارنى يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارنى قارغاش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى. ئەمما خۇدايىمىز ئۇنىڭ قارغىشىنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى.
ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
بىزگە سەئىردە ياشايدىغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاردا ياشايدىغان موئاب خەلقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بىز پەقەت ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىنغا بارماقچىمىز.»