Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 22:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 22:8
20 Referans Kwoze  

ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


بۇ، خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا _ يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟


بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.


ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى.


مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار.


ئەگەر بىرى ئۆزىنىڭ ئېڭىزلىرىنى كۆيدۈرگەندە، ئوت باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا تۇتىشىپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.


ئەگەر بىر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، رەزىللىك قىلسا، ئۇنى پۇتلايمەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىغان بولساڭ، ئۇ ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان ھەققانىي ئىشلىرىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.


ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.


شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر.


باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار.


ناۋادا ئېلىپ كەتسەڭلار، باچكىسىنى ئېلىپ قېلىپ، قۇشنى قويۇۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.


ئۈزۈمزارلىقىڭلارغا ئۈزۈمدىن باشقا زىرائەتلەرنى تېرىماڭلار. بولمىسا ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا توغرا كېلىپ، يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ.


ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite