9 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلساڭلار، ئىسرائىل خەلقىگە ئارتىلغان بۇ قاتىللىق گۇناھىدىن ئاقلىنىسىلەر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار.
پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ ئۇنى دېگىنى بويىچە ئۆلتۈرۈپ، كۆمۈۋەت! ئۇنىڭ بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ گۇناھى مەندىن ۋە پۈتۈن جەمەتىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسۇن.
قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.