Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 21:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 21:21
21 Referans Kwoze  

ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


ھەر ئىككىلىسىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكېلىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇ قىز شەھەردە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ خالىمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ياردەم سوراپ ۋارقىرىمىغان. ئەرنىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.


_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.


ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»


_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.


شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.


«بىزنىڭ بۇ ئوغلىمىز جاھىل ۋە ئىتائەتسىزدۇر، گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئۇ بىر بەتخەج ھەم شارابخوردۇر» دېسۇن.


ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە رەزىل كىشىلەر پۈتۈن جامائەتكە «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، ئۇلارنى سىلەر نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا قىزىقتۇرغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار،


گۇۋاھچىلار ئالدى بىلەن تاش ئاتسۇن، ئاندىن باشقىلار ئاتسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite