Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 21:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇ ئادەم مۈلۈك تەقسىملەيدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلىنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىشىگە بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 21:16
10 Referans Kwoze  

مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئوغلى شىمرى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى.


يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.


ئاتىسى يىھوشافات ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغاندىن سىرت، يەنە يەھۇدىيەگە قاراشلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنىمۇ ھەدىيە قىلغانىدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەرگەنىدى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغۇل ئىدى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دېدى.


_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا،


ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite