2 سىلەر ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، روھانىي لەشكەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېسۇن:
خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.
مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى.
ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى.
_ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە سىلەردىنمۇ كۆپ لەشكەرلەرگە دۇچ كەلسەڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.
«ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن سىلەر دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر. يۈرەكسىزلىك قىلماڭلار، قورقماڭلار، ھودۇقماڭلار، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار!
داۋۇت سائۇلغا: _ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەن خىزمەتكارلىرى ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى.