Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 20:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سىلەر بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈلھى قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 20:10
13 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.


بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.


سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.


مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.


شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!


لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، سەركەردىلەرنى تەيىنلىسۇن.


ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئاچسا، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلىتىڭلار.


قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.


_ شۇنىڭ بىلەن مەنكى مۇسا قىدېموت چۆلىدىن خەشبون پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق تىنچلىق تەكلىپى سۇندۇم:


ئاندىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite