Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنىڭ بىلەن بىز قېرىندىشىمىز ئەساۋنىڭ زېمىنى بولغان سەئىردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ئېلات ۋە ئەزيون-گەبەر شەھەرلىرىدىن كېلىدىغان ئاراباھ يولى بىلەن موئاب چۆللۈكىگە باردۇق.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 2:8
9 Referans Kwoze  

پادىشاھ سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە كېمىلەر ياساتتى.


بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن ئېلات شەھىرىنى ئاررامنىڭ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىدوملۇقلار ئېلات شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە ياشىماقتا.


ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىدى، چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى.


ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.


تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.


ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite