Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 2:5
13 Referans Kwoze  

ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى.


شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.


ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.


ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا تەۋە بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىگەنىدى. بىراق، ئىبراھىمنىڭ تېخىچە پەرزەنتى بولمىغان بولسىمۇ، خۇدا ۋەدە قىلىپ، بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرمەكچى بولدى.


سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»


«سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا.


مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.


ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.


يېمەك-ئىچمەكنى ئۇلاردىن سېتىۋېلىڭلار.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا.


تۆۋەندىكىلەر سەئىر تاغلىق رايونىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىدومدىكى سەئىر تېغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite