Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار،

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 2:4
15 Referans Kwoze  

ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.


ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.


مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار.


كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.


ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر. ئى پەرۋەردىگار، قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن، تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار كۆرگىنىدە زور قۇدرىتىڭنى.


«سىلەر سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىلى تالاي ۋاقىتلار بولدى، ئەمدى شىمالغا بېرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite