3 «سىلەر سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىلى تالاي ۋاقىتلار بولدى، ئەمدى شىمالغا بېرىڭلار.
_ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار.
بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».
كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار،
ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.