Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 2:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 2:25
14 Referans Kwoze  

ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.


يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ.


سىلەر قەيەرگە بارساڭلار، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سىلەردىن چۆچۈيدىغان، سىلەرنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن.


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.


ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.


ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.


ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى.


داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە ئەللەرگە تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.


ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار


پادىشاھ ئادونى-زىدىك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ كېلەتتى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite