13 پەرۋەردىگار يەنە: «ئەمدى ئاتلىنىڭلار، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زەرەد دەرياسىدىن ئۆتتۇق.
ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ تىكتى.
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.)
بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.
ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.