Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 19:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ساقلىنىڭلار. بولمىسا سىلەر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتكار بولۇپ قالىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 19:10
16 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز، يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول،


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.


لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.


بولۇپمۇ ماناسسە يېرۇسالېمدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەچكە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.


ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.


پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ ئۇنى دېگىنى بويىچە ئۆلتۈرۈپ، كۆمۈۋەت! ئۇنىڭ بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ گۇناھى مەندىن ۋە پۈتۈن جەمەتىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسۇن.


قاتىللارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىسرائىللار ئارىسىدىن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان گۇناھكارلارنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.


شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ.


ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.


ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.


سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگار خۇدا ماڭا غەزەپلىنىپ، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزمەسلىككە، سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلدى.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite