9 _ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن
تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇل يىغقان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.
تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
لېكىن، ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرماقچىمەن.
مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.
بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرسۇن. ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قۇرۇق قول بارمىسۇن.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ ئورما ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىڭلارغا يارىشا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنۇڭلار.
شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە باشاق تەردى. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.