Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 16:1
16 Referans Kwoze  

پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى.


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.


بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.


بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولغان كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.


پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite