Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 15:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 15:9
30 Referans Kwoze  

ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر.


ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»


قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


ئەگەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن ۋە


سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.


چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.


ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا، بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا.


بېخىلنىڭ نېنىنى يېمە، ئىشتەي ساقلىما ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە.


ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.


ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟


ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر.


كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.


پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.


چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.


_ ھەر يەتتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.


«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»


خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك، يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك، ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك.


تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلىماڭلار.


مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھەر يەتتىنچى يىلدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا،


يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر، ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر.


‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite