Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 15:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 15:7
15 Referans Kwoze  

ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر.


كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.


لېكىن، باشتىكى چاكار بۇنى رەت قىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ.


بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.


ئەگەر خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭلار، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالماڭلار.


«ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، قولى قىسقا بولۇپ قالسا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقتىن بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارمۇ ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن.


زېمىنىڭلاردا ھامىنى نامراتلار بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئىسرائىللاردىن بولغان موھتاج، نامرات قېرىندىشىڭلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.


نامرات، بىچارە ئىشلەمچىلەر مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى شەھىرىڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېمەڭلار.


بىر مەزگىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى.


نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.


ئاچلارغا شاپائەت كۆرسەتسەڭلار، جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر، تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى.


بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite