3 يات خەلقلەردىن قەرز سۈيلىسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قانداق قەرزى بولسۇن ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.
سىلەر يات ئەللەردىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردىن ھەرگىز ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.
- قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر.
ئەگەر خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭلار، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالماڭلار.
ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر.
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.