Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 12:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 12:16
15 Referans Kwoze  

لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.


لېكىن قېنىنى يېمەڭلار، قېنىنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.


پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.


قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار.


يۇرتۇڭلاردا يەڭلار. بۇلارنى خۇددى جەرەن ۋە بۇغا يېگەنگە ئوخشاش پاك كىشىلەرمۇ، ناپاك كىشىلەرمۇ يېسە بولىدۇ.


شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.


بەزىلەر سائۇلغا: _ خەلق قېنى بار گۆشلەرنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دېدى. سائۇل ئۇلارغا: _ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپسىلەر، ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ ئەكېلىڭلار!


بۇ شەھەردە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، ئادەملەرنىڭ قېنى تاش ئۈستىگە تۆكۈلدى، ئەگەر قان يەرگە تۆكۈلگەن بولسا ئىدى، تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.


لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite