8 شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ. سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىشمەكچى بولغان زېمىننى ئىگىلەيسىلەر.
ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي.
پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.
بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.
بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،
ئۇ ماڭا: _ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، خاتىرجەم بول، چىداملىق، باتۇر بول! _ دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: _ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار.
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
لېكىن سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۆرۈپ كەلدىڭلار.
ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا بۇ قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ۋە بۇ قانۇنلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى.