5 سىلەر چۆللۈكتىن تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارنىڭ ھالىڭلاردىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
مىسىر قوشۇنلىرىغا، ئاتلىرىغا ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى، ئۇلار سىلەرنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا قانداق غەرق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن.
رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.