11 لېكىن سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىندىكى تاغلار ۋە جىلغىلار يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ.
خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي.
مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.
شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.
سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىن سىلەر ياشىغان مىسىرغا ئوخشىمايدۇ. مىسىردا سىلەر ئۆزۈڭلار ئۇرۇق چېچىپ، ئۆزۈڭلار سۇغىراتتىڭلار.
ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.
ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار تاغ، ئېدىر، جىرا، جىلغا ۋە خارابىلەرگە ھەمدە يات خەلقلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، ئادەمسىز قېلىپ، مەسخىرىگە قالغان شەھەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: