5 مەن تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە تاش تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا سالدىم. تاش تاختىلار ھازىرمۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،
مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. بىراق ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى.
يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.
سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. سەن ئۇلارنى ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغىن.» دېدى.
مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى.
مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى.
مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.
مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ، ئاندىن ساندۇقنىڭ قاپقىقى يېپىلسۇن.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.