Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 10:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مەدھىيە پەقەت پەرۋەردىگارغا خاستۇر، ئۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇر. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 10:21
18 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن، ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن.


يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئىلاھلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ.


پەرۋەردىگار قۇدرىتىم، مۇناجىتىمدۇر مېنىڭ، قۇتۇلدۇردى ئۇ مېنى. خۇدايىمدۇر ئۇ مېنىڭ، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى، ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، ماختايمەن شۇڭا ئۇنى.


ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»


سەن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغانىدىڭ، سەن پەسكە چۈشكەندە، تاغلار ئالدىڭدا تىترەپ كەتكەنىدى.


قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.


ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ، ئۈنسىز تۇرما.


سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار.


داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا، مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقىڭنى دائىما.


ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار، مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _ خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite