Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. سەن ئۇلارنى ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغىن.» دېدى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 10:2
9 Referans Kwoze  

ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.


مەن تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە تاش تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا سالدىم. تاش تاختىلار ھازىرمۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ.


ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي.


ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite