Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:8
39 Referans Kwoze  

دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:


«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىپ، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن.»


سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادىڭلارغا بېرىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم.


مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.


«مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى.


ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.


سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.


ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.


سەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلدىڭ.


قالغانلىرى بىر ئۈلۈشتىن ئالسۇن. مەن بۇ يەرلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. بۇ يەرلەر سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولىدۇ.


«بۇ رەزىل ئەۋلادتىن ھېچكىمنى مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان بۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلمايمەن.


بىزگە سەئىردە ياشايدىغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاردا ياشايدىغان موئاب خەلقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بىز پەقەت ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىنغا بارماقچىمىز.»


_ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ. لېكىن ئۇ يەردىكى چوڭ، ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنى سىلەر قۇرمىغان.


پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى.


ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


ئۇ سىلەرنى سۆيىدۇ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا نەسلىڭلارنى كۆپەيتىپ، ھەر خىل ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، قوي ۋە كالاڭلارنى مول قىلىدۇ.


_ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئەۋلادلىرىڭلار كۆپىيىدۇ ھەمدە پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلىيەلەيسىلەر.


سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇرغىن! خەلقنى باشلاپ ماڭغىن! مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە بېرىڭلار» دېدى.


پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئۇزاق ياشايسىلەر.


ۋە شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى روھانىيغا: «بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا شۇنى ئېيتىمىزكى، پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىمىزغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولدۇق» دەڭلار.


ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىڭدىن بىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ۋە سەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا، يەنى سەن ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەخت ئاتا قىلغايسەن.»


پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا سىلەرنى روناق تاپقۇزىدۇ. ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ، ئېتىزىڭلارنى ھوسۇللۇق قىلىدۇ.


بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرىسىلەر. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمى بىلەن مۆھۈرلەيدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ.


مۇسا يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىسەن، ئۇلار سەن ئارقىلىق بۇ زېمىنغا ئىگە بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا: «بۇ زېمىنلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىنلاردۇر. ھازىر بۇ زېمىنلارنى ساڭا كۆرسەتتىم، لېكىن سەن دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇ زېمىنغا كىرمەيسەن.


سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite