قانۇننىڭ تەكرارى 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار. Gade chapit la |
شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!