6 _ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار.
مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.
مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.
پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.
مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى موئابلارنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى ئىسرائىللارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.
سىناي تېغىدا خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى شۇنداق كەلتۈردىكى، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماقچى بولدى.
بۇنى سىلەر سىناي تېغىدا يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن تەلەپ قىلغانىدىڭلار. ئەينى چاغدا سىلەر: «ئەي پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، ئەمدى بىزگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتمىغايسەن، بىزگە يەنە ئوت يالقۇنۇڭنى كۆرسەتمىگەيسەن، بولمىسا بىز ئۆلىمىز» دېگەنىدىڭلار.