Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

46 شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:46
8 Referans Kwoze  

ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.


ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن جامائىتى كادېشتىن چىقىپ ھور تېغىغا كەلدى.


بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».


بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.


ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite