45 ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىغلىدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغا پەرۋا قىلمىدى.
سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى.
ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى.
ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟
بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟
پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا، مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا.
پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە.
چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى، لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب. ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى.