44 تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.
قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.
تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «خاراب قىلىش»] دەپ ئاتالدى.
ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ باردى. ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپكە چېكىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 36 ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن سۇ بولۇپ كەتتى.