43 مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى.
شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى.
ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!
لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.
ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى.
ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
_ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى.