Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوي، جەڭگە ئاتلانمىسۇن، بولمىسا ئۇلار دۈشمىنىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا يار ئەمەس» دېدى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:42
8 Referans Kwoze  

گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»


شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىل لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite