قانۇننىڭ تەكرارى 1:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى39 ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ. Gade chapit la |
خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.