3 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.
مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى: