25 ئۇلار ئۇ يەرنىڭ مېۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىپ: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن» دەپ مەلۇم قىلدى.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.
تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ؟ ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق؟ ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار. ئۇ دەل دەسلەپكى ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئىدى.
ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى: _ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە: _ بىز كېزىپ كۆرۈپ كەلگەن ئۇ زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن.
ئۇلار تاغلىق رايونلارغا، ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى.
_ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى.