Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 _ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:19
13 Referans Kwoze  

سىناي تېغىدىن كادېش-بارنېياغا بېرىش ئۈچۈن سەئىر تاغلىرىدىكى يول بىلەن ماڭسا، 11 كۈن كېتەتتى.


ئۇلار: ‹بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قېنى؟ بىزنى ھېچكىم ياشاپ باقمىغان ياكى بېرىپ باقمىغان يەرلەردىن باشلاپ، چۆل-جەزىرىلەردىن ۋە ئۇ يەردىكى جىلغىلاردىن، سۇسىزلىق ۋە ئۆلۈم سايىلىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قەيەردە؟› دەپ سوراپ باقمىدى.


ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى.


قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.


ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى


ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى.


ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار.


مەن خەلققە: «مانا ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونىغا يېتىپ كەلدۇق.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».


ئاشېر قەبىلىسىدىن: مىكائىلنىڭ ئوغلى سېتۇر،


ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.


يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite