Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئەينى چاغدا مەن خەلققە قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى ئېيتتىم.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:18
9 Referans Kwoze  

چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.


مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


مېنىڭ دېگەنلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدىڭلار.


مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.


خۇدانىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىن.


ئاندىن خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇلارغا تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق ماجىرالارنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite