15 شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن.
ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.
سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟
يەنە ماۋۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ مىڭ بېشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەلگىن، _ دېدى.
بەزىلىرىنى مىڭ بېشى، بەزىلىرىنى ئەللىك بېشىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرىنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، شۇنداقلا قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.
لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ،
خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن.
خەلق: «دېگەنلىرىڭ توغرا» دەپ مېنى قوللىدى.
مەن ئۇلاردىن سىرت يەنە سوتچىلارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى ئەرزلەرنى ئاڭلاشقا، مەيلى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن يات خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىنى ئادىل سوتلاشقا،
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.