Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 1:10
17 Referans Kwoze  

بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، سانىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئاز قالىسىلەر.


خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى.


ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.


ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.


سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.


جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.


ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.


داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.


ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.


ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.


پەرۋەردىگار سىلەرنى سانىڭلارنىڭ باشقا ئەللەردىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاللىدى. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھاندىكى ئەللەر ئارىسىدا ئەڭ كىچىك بىر خەلق.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.


بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.


ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


مەن سېنى خۇددى ئېتىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدىم. سېنىڭ بويۇڭ ئۆسۈپ، يېتىلدىڭ، گۈزەللەشتىڭ، كۆكرەكلىرىڭ تولدى، چاچلىرىڭ ئۆستى، لېكىن سەن يەنىلا يالىڭاچ ئىدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite