دانىيال 9:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ. Gade chapit la |
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا سالىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگىنىگە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.
ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىللىك كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.