Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 9:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 9:17
20 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


چۈنكى قاقاسلىققا ئايلاندى سىئون تېغى، چىلبۆرىگە ماكان بولدى ھەممە يېرى.


خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز.


ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.


ئى ئىگەم، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت ئۆتكىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭدۇر».


جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.


ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.


بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ


سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.


مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


مېنىڭ سىلەرنى يوقاتماسلىقىم پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، چۈنكى مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ نامىنىڭ ھۈرمەتسىزلىنىشىگە يول قويىمەن. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.»


شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن!


ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ.


كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى، دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟


ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite